ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش
خام دورىلار

رەۋەن

Rheum officinale

قامچا ئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى. ئىچ سۈرۈش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىشتىكى ئەڭ مەشھۇر خام دورىلارنىڭ بىرى.

رەۋەن
رەسىم: Kurt Stüber [1] · CC BY-SA 3.0 · Wikimedia Commons
تەبىئىتى3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
ئىشلىتىش مىقدارىئىچىدىن 5–10 گىرام
باشقا تىللاردىكى نامى:روندبېخ ريباسرىيۋند چىينى

ئەسكەرتىش: تېنى ئاجىز بىمارلارغا زىيانلىق.

01كېلىش مەنبەسى

بۇ قامچا ئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك دورىلىق رەۋەن (Rheum officinale Baill.) نىڭ يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت. 9–10-ئاي ئارىلىقىدا ئۈچ يىللىق ئۆسۈملۈك كۆچىتىنىڭ يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ، تارماق يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ قۇرۇتۇلىدۇ.

02ئۆسۈملۈكنىڭ شەكىل ھالىتى

كەڭ يوپۇرماقلىق رەۋەن (Rheum palmatum L.) — كۆپ يىللىق يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى يۇمىلاق، ئالقانسىمان يېرىم يېرىلىدۇ. گۈلى كىچىك، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ.

تاڭغۇت رەۋىنى (Rheum tanguticum Maxim.) — يوپۇرمىقى چوڭقۇر يېرىلىدۇ، يېرىق ياپراقلىرى تار ۋە ئۇزۇن.

دورىلىق رەۋەن (Rheum officinale Baill.) — يوپۇرمىقى قىسمەن يېرىلىدۇ، يېرىق ياپراقچىلىرى يوغان چىشسىمان ياكى كەڭ ئۈچبۇلۇڭلۇق، گۈلى بىرقەدەر چوڭ، سارغۇچ ئاق رەڭلىك.

03دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى

قۇرۇتۇلغان يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا كېسىپ پارچىلىنىپ قويۇلىدۇ. بىر تەرىپى سەل چوڭ بولۇپ ئات تۇيىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6–12 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى تەخمىنەن 5–8 سانتىمېتىر.

پوستى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن سىرتى سېرىققا مايىل بېغىر رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. ئۆزى ئېغىر، سىزىقچىلىرى ۋە يۇلتۇزسىمان چېكىتلىرى ئېنىق، قاتتىق، خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق — چاينىسا چاپلىشىدىغانلىرى ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.

04چىقىش ئورنى

ياۋروپا، ھىندىستان ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي تاغلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.

05خىمىيىلىك تەركىبى

رەۋەن ئاساسلىقى سۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولغان تەركىبلەرگە ئىگە. ئۇلار نەچچە خىل ئۈزۈم شېكىرى گلىكوزىدى، خرىزوفانول، ئالوي-ئېمودىن، خرىزوفانىك كىسلاتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يەنە رەۋەن تاننىك كىسلاتاسى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار ماددىلار بار. دورىلىق رەۋەندە ٪4–6 ئانتراكۋىنون ئۆزگۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان ماددا بار. راپونتىتسىن، راپونتىن ۋە راپونتىگېنىن قاتارلىقلار يىلتىزسىمان غولىدا بولىدۇ.

06فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

  1. 1سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئۈنۈملۈك تەركىب ئانتراكۋىنون گلىكوزىدىدىن ئىبارەت. رەۋەننى ئىستېمال قىلىپ 6–8 سائەتتىن كېيىن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ — چوڭ ئۈچەيدە قەدەممۇقەدەم پارچىلىنىپ، چوڭ ئۈچەينى غىدىقلاپ تەرەت ماڭدۇرىدۇ.
  2. 2ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى، بوغما قۇرۇت چۆپ تاياقچە باكتېرىيەسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى يۇقىرى.
  3. 3دورىلىق رەۋەننىڭ ئېلىنغان ماددىسى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىنسا، ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدۇ.
  4. 4ئانتراكۋىنون خىلىدىكىلەر ئۈچەيدە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. 2–3 سائەتتىن كېيىن قاندىكى قۇيۇقلۇقى ئۆرلەيدۇ، كېيىن بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ.

07تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى

جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، سەمرىتىش، پارقىرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەر، تال ۋە ئۈچەيلەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى
3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
ئىشلىتىش مىقدارى
ئىچىدىن 5–10 گىرام

08ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر

  • ھەر خىل ئىسسىق، يۆتەل، خاپىقان
  • ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئىستىسقا
  • يەر قان، تۈرلۈك ئىچ سۈرۈش
  • ئاشقازان ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش
  • جىگەر ۋە تال ئىسسىقى
  • سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيىز تۇسۇلۇش
  • قەۋزىيەت (ئىچ قېتىش)
  • بۆرەك ۋە دوۋساق ئاغرىقى

09ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى

  1. 130 مىللىلىتىر ئاچچىق ئانار سۈيىگە 5 گىرام رەۋەننى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە بىر ۋاق ئىستېمال قىلىنسا جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.
  2. 210 گىرام رەۋەننى سوقۇپ بىيە ئۇرۇقى لوئابى بىلەن يۇغۇرۇپ ھەپ تەييارلاپ 1–3 دانىغىچە ئىستېمال قىلىنسا دەم سىقىلىش ۋە كونا يۆتەلگە شىپا.
  3. 3ئوغرى تىكەن 10 گىرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 15 گىرام، قوغۇن ئۇرۇقى 15 گىرام، رەۋەن 7 گىرام ئېلىپ سوقۇلىدۇ؛ 5 گىرامنى ئەرىقى كاسنە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، سۇلۇق ئىسسىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

10دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

زىيانلىقى
تېنى ئاجىز بىمارلارغا زىيانلىق
تۈزەتكۈچىسى
ئىسپىغۇل، كەتىرا، بېھى لوئابى
ئورۇن باسارى
گۈلى سۇرخ، سۇمبۇل
مۇرەككىباتى
ھەببى رەۋەن، سىركەنجىبىن رەۋەنى، دىينار شەربىتى، سۇفۇفى رەۋەن

مەنبەلەر

  1. [1]رەۋەن

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئۇيغۇر تېبابىتى

مىڭ يىللىق شىپا ئىلمى

تەييارلىق باسقۇچىدا

پات يېقىندا ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ خام دورىلىرى، پىششىق دورىلىرى، ئاددى رېتسىپلىرى ۋە كېسەللىك تۈرلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ئامبىرى تەييارلىنىۋاتىدۇ. بېكەت تولۇق پۈتكەندىن كېيىن ئېچىلىدۇ.

سوئالىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ