01كېلىش مەنبەسى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك رۇم بادىيان (Pimpinella anisum L.) نىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسىدىن ئىبارەت.
02ئۆسۈملۈكنىڭ شەكىل ھالىتى
رۇم بادىيان ۋەتەننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئىككى يىللىق، شىمالىي رايونلىرىدا قىشتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يىللىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ.
يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان. غولى تىك ئۆسىدۇ، تۈپ ئىگىزلىكى 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاساسىي قىسمىدىن چىققان يوپۇرمىقى يەلپۈگۈچسىمان، ساپىقى ئۇزۇن؛ غولىدىن چىققان يوپۇرمىقى چوڭقۇر يېرىلغان بولۇپ يىپسىمان كۆرۈنىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىچىك گۈللەر گۈل رېتى ئوقىنىڭ چوققىسىغا تىزىلىپ، مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈلى ئاق رەڭدە ئېچىلىدۇ.
03دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى
بۇ جۈپ ئاسماق مېۋە بولۇپ، يۇمىلاق تۇخۇم شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 2–4 مىللىمېتىر، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى مىللىمېتىر. ئۇچى تەرىپى تار ۋە ئىنچىكە بولىدۇ.
مېۋىسىنىڭ سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل يېشىل ياكى كۈلرەڭگە مايىل قوڭۇر رەڭلىك كېلىدۇ. بۆلۈنمە مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، بەش كۆتۈرۈلۈپ چىققان قوۋۇرغا يىپى بار. پۇراقلىق، تەمى قاڭسىق بولىدۇ.
04چىقىش ئورنى
ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. يەنە ئەرەبىستان، ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، روسىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
05خىمىيىلىك تەركىبى
بۇنىڭدا ئۇچۇچان ماي بولىدۇ. ماينىڭ ئاساسىي تەركىبى ئەنىز ئالدېھىدى (anisaldehyde)، ئەنىز كىسلاتاسى (anisic acid) ۋە رۇم بادىيان ئېتېرى (anethole) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا فلاۋونلار، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە مايلىق ياغ قاتارلىقلار بارلىقى ئېنىقلانغان.
06فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
رۇم بادىيان ئالدېھىدى ۋە ئەنىز ئالدېھىدى تۇبېركۇليوزنى داۋالايدۇ، ھەم ئاز مىقداردىكى قوش ھىدروگېن سترېپتومىتسىننىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
07تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
بەلغەم خىلتىنى تەڭشەش، پىشۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك-ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
- تەبىئىتى
- 2-دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- ئىچىدىن 3–15 گىرام
08ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەر
- باش ئاغرىش، باش قېيىش، شەقىقە
- قۇلاق ئاغرىش
- كۆز قاراڭغۇلىشىش
- پالەچ، لەقۋا
- ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەزىم بۇزۇلۇش
- يەللىك قۇلۇنجى
- سۈيدۈك-ھەيىز تۇتۇلۇش
09ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
- 1رۇم بادىياننى كۆيدۈرۈپ پۇرىسا، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
- 26 گىرام رۇم بادىياننى قاينىتىپ سۈزۈپ، 30 گىرام ھەسەلنى ئېرىتىپ بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنسا مەست قىلغۇچى دورىلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.
- 33 گىرام ئېلىپ 10 مىللىلىتىر زەيتۇن يېغىغا چىلاپ ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەتلىك.
- 4رۇم بادىيان، ئارچا مېۋىسى، خىيار شەنبەر ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ بېرىلسە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
- 5بادام مېغىزى 20 گىرام، رۇم بادىيان 5 گىرام سۇپۇپ قىلىپ بېرىلسە سۈت كۆپەيتىدۇ.
10دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- زىيانلىقى
- ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ
- تۈزەتكۈچىسى
- گۈل بىنەپشە، ئىسكەنجىبىن، ئەرقى سەندەل
- ئورۇن باسارى
- بادىيان
- مۇرەككىباتى
- جاۋارىش ئۇد شىرىن، ھەببى شەبيار




