01كېلىش مەنبەسى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تاريوپۇرماقلىق ئۈستىخۇددۇس (Lavandula angustifolia Mill.) نىڭ قۇرۇق يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، يازدا ئورۇۋېلىنىپ سايىدا قۇرۇتۇلىدۇ. دورىلىققا گۈلى ۋە قۇرۇتۇلغان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
02ئۆسۈملۈكنىڭ شەكىل ھالىتى
كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياكى يېرىم ياغاچلاشقان كىچىك چاتقال. يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، ئاستى تەرەپتىن كۆپ شاخلىنىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، تۆت قىرلىق، تۈپ ئىگىزلىكى 30–80 سانتىمېتىر كېلىدۇ.
يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق تاسما شەكىللىك، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. پۈتۈن تېنىدە يۇلتۇز شەكىللىك تىۋىتلىك تۈر بار. كىچىك گۈللەر شاخ چوققىسىدىكى گۈل ئوقىغا توپلىشىپ ئۆسۈپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلغان. گۈل تاجىسى ئۇزۇنچاق كالپۇكسىمان، كۆك-سۆسۈن ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقى ئىنتايىن ئۇششاق، ئۈچ قىرلىق، رەڭگى قوڭۇر.
03چىقىش ئورنى
ۋەتەننىڭ شىمالىي تاغلىرىدىن چىقىدۇ. ھەمدە بۇلغارىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيەدىنمۇ چىقىدۇ.
04خىمىيىلىك تەركىبى
پۈتۈن چۆپىدە ٪1–٪3 ئۇچۇچان ماي تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گېرانىئول، سافرول، كارۋاكرول، لىنالول، سىترونېللول، سىترال ۋە كومارىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
05فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
غولى ۋە يوپۇرمىقى چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى دورا قىلىنىدۇ. ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە سەككىز قەۋەتلىك شارچە باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
06تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىسسىق تاقىتىش، مېڭىنى تازىلاش، پەي-نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش ۋە قوزغىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم ۋە سەۋدانى پىشۇرۇش، سۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
- تەبىئىتى
- 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- ئىچىدىن 3–15 گىرام
07ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان، ئۆپكە ئاجىزلىقى
- نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇنۇتقاقلىق
- مالىخولىيا ۋە سەۋدائى ھالەت
- يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان خاپخان، باش ئاغرىقى، باش قېيىش
- جىگەر ئاجىزلىقى
- پالەچ، مۇپاسىل
- ئېغىز پۇراش، سۇلۇق ئىسسىق
- نەزلە، زۇكام
08ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
يەككە ياكى مۇرەككەپ ھالەتتە ئىچىدىن ھەم سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.
- 1ئۈستىقۇددۇس 10 گىرام، بادىرەنجى بويا 10 گىرام، بىستى پايەج 10 گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنسا مېڭىنى تازىلايدۇ، بەلغەم-سەۋدانى تازىلايدۇ، سەرسام كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
- 2ئۈستىقۇددۇس، لاچىندانە، بادىيان، دارچىن، قەلەمپۇر قاتارلىقلارنى 10 گىرامدىن ئېلىپ دەملەپ ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازاندىكى يەلنى ھەيدەيدۇ.
- 3گاۋزىبان، لاچىندانە، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىق دورىلارنى سوقۇپ چايلىق قىلىپ بېرىلسە مېڭە، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
- 4ئۈستىقۇددۇس، ئىگىر، سىيادان، سېرىق ئوت مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تالقان تەييارلاپ بېرىلسە ئۇنۇتقاقلىققا مەنپەئەتلىك.
09دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۆلچەملىك ساقلاشقا ۋە ئۈنۈمنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باشقا چۆپ دورىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈش لازىم.
- زىيانلىقى
- ئىسسىق مىزاجلىقلارغا زىيانلىق
- تۈزەتكۈچىسى
- سەندەل
- ئورۇن باسارى
- گاۋزىبان ھىندى، سازەج، ئەفتىمون، سەبرى
- مەشھۇر مۇرەككەپ ياسالمىلىرى
- شەربىتى ئۈستىقۇددۇس، ئىتتىرفىل ئۈستىقۇددۇس، مەجۇنى نۇجاھ




