ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش
خام دورىلار

رەيھان

Ocimum basilicum

خۇشبۇي كالپۇكسىمان گۈللۈك چۆپ. مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، خۇشلۇق يەتكۈزۈش ۋە ئاغرىق پەسەيتىشتە ئىشلىتىلىدىغان مەشھۇر دورا.

رەيھان
رەسىم: Globalearth · CC BY-SA 3.0 · Wikimedia Commons
تەبىئىتىئىسسىققا مايىل مۆتىدىل
ئىشلىتىش مىقدارىئىچىدىن 10–20 گىرام
باشقا تىللاردىكى نامى:سولتانۇل رەيھانشاھسەفرەمتىلىسى

ئەسكەرتىش: كۆڭۈلنى ئازراق ئېلىشتۇرىدۇ ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

01كېلىش مەنبەسى

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك رەيھان (Ocimum basilicum L.) نىڭ چۆپىدىن ئىبارەت.

02ئۆسۈملۈكنىڭ شەكىل ھالىتى

بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 20–70 سانتىمېتىر، خۇشبۇي پۇرايدۇ. غولى تىك ۋە تۆت قىرلىق، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ.

تۇخۇمسىمان تىمنە شەكىللىك، ئايلانما كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ. گۈل تاجى كالپۇكسىمان، ئاق ياكى سۇس قىزىل. تۆت دانە كىچىك قاتتىق مېۋىسى بولىدۇ.

03دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى

غولى تۈۋرۈك شەكىللىك، ئۇدۇل ئۆسۈپ ئىككى تەرەپكە شاخلايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 10–15 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 2–3 سانتىمېتىر. سىرتقى كۆرۈنۈشى سارغۇچ يېشىل ياكى سۆسۈنگە مايىل قىزىل رەڭلىك، سەل يۇمران تۈكلۈك، چۈرۈك بولۇپ ئاسان ئۇشتۇلىدۇ.

گۈلى سۇس سارغۇچ ئاق ياكى ھال رەڭگە مايىل بولىدۇ، ئۇۋۇلىسا خۇشپۇراق كېلىدۇ.

04چىقىش ئورنى

ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەمدە ھىندىستان، ئافرىقا، ئەرەبىستان، بىرازىلىيە قاتارلىق چەتئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.

05خىمىيىلىك تەركىبى

پۈتۈن چۆپىدە ٪0.4–٪0.12 ئۇچۇچان ماي تۇتىدۇ. ياغنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئوسىمېن (ocimene)، لىنالول (linalool)، گېرانىئول (geraniol)، قەلەمپۇر مايلىق فېنولى ئېۋگېنول (eugenol)، ئېۋگېنول مېتىل ئېتېر ۋە ئانېتول (anethole) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

06فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

قان نوكچىسى ھاسىل بولۇشنى تىزگىنلەش، باكتېرىيىنى تىزگىنلەش ۋە قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار.

07تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى

مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇيۇلۇپ قالغان ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قاننىڭ قۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى
ئىسسىققا مايىل مۆتىدىل
ئىشلىتىش مىقدارى
ئىچىدىن 10–20 گىرام

08ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر

  • مېڭە-يۈرەك ئاجىزلىقى
  • نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق
  • خاپقان، باش ئاغرىقى
  • سۈيدۈك ۋە ھەيىز تۇتۇلۇش
  • ھەر خىل ئىسسىقلار
  • روھىي-ئەسەبىي كېسەللىكلەر
  • بوۋاسىر
  • نېرۋا خاراكتېرلىك يۆتەل، زۇكام، نەزلە

09ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى

  1. 1رەيھان چۆپىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ بەرسە سەۋدانى تەڭشەيدۇ، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  2. 2گاۋزىبان ھىندى 5 گىرام، ئۈستىقۇددۇس 5 گىرام، لىچىندانە ۋە سەندەل 3 گىرامدىن، پىلە غوزىسى 3 گىرام، رەيھان چۆپى 3 گىرام، ناۋات قوشۇپ چايلىق تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا سەۋداۋى خاپخانغا مەنپەئەتلىك.
  3. 3رەيھاننىڭ چۆپىنى ئېزىپ چاپسا ئىسسىق قايتۇرىدۇ.
  4. 4رەيھان يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

10دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بادرەنجى بۇيىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئۆلچەملىك ساقلاش شەرت.

زىيانلىقى
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ
تۈزەتكۈچىسى
ئەينالۇ، بادىيان
ئورۇن باسارى
بالەنگو
مۇرەككىباتى
شەربىتى رەيھان، خېمىرى ئەبرىشىم

مەنبەلەر

  1. [1]رەيھان

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئۇيغۇر تېبابىتى

مىڭ يىللىق شىپا ئىلمى

تەييارلىق باسقۇچىدا

پات يېقىندا ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ خام دورىلىرى، پىششىق دورىلىرى، ئاددى رېتسىپلىرى ۋە كېسەللىك تۈرلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ئامبىرى تەييارلىنىۋاتىدۇ. بېكەت تولۇق پۈتكەندىن كېيىن ئېچىلىدۇ.

سوئالىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ