01كېلىش مەنبەسى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك رەيھان (Ocimum basilicum) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. كۈزدە پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ.
02دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى
قۇرۇتۇلغان ئۇششاق ھەم قاتتىق ئۇرۇقى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى مىللىمېتىر، تۈۋىدە ئۇرۇق ساپىغىنىڭ ئىزى بار.
سىرتقى كۆرۈنۈشى كۈلرەڭگە مايىل قوڭۇر ياكى قارا بولىدۇ، سەل پارقىرايدۇ. پۇرىقى ئاجىز، تەمى سۇس، ئېغىزغا سالسا سوغۇق سېزىم بېرىدۇ، لوئاپلىق. ئادەتتە دانلىق، قۇم-لاي بولمىغانلىرى ياخشىدۇر.
03چىقىش ئورنى
ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەمدە ھىندىستان، ئافرىقا، ئەرەبىستان، بىرازىلىيە قاتارلىق چەتئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
04خىمىيىلىك تەركىبى
ئۇرۇقىدا تەخمىنەن ٪8 كۈل ماددىسى، ٪16.4 ئاقسىل، ٪16.86 ماي، ٪42.14 تالا، ٪23.03 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تۇتىدۇ.
ئۇرۇق يېغىدا ٪3.3 پالمېتىك كىسلاتا، ٪6.4 قاتتىق ماي كىسلاتاسى، ٪15.4 ياغ كىسلاتاسى، ٪56.03 لىنول كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
05تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇيۇلۇپ قالغان ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قاننىڭ قۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
- تەبىئىتى
- 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- ئىچىدىن 5–10 گىرام
06ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- مېڭە-يۈرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى
- ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق
- خاپقان، باش ئاغرىقى
- سۈيدۈك ۋە ھەيىز تۇتۇلۇش
- ھەر خىل ئىسسىقلار
- روھىي-ئەسەبىي كېسەللىكلەر، بوۋاسىر
- نېرۋا خاراكتېرلىك يۆتەل، زۇكام، نەزلە
- يۈرەك كېسەللىكلىرى، تولغاق
07ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
- 1ئەفسەنتىن رۇمى، رەيھان ئۇرۇقى، ئەفتىمۇن 3 گىرامدىن سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنغاندا باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، سەرئى ۋە مالىخۇلىيا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
- 2بادام مېغىزى 30 گىرام، رەيھان ئۇرۇقى 15 گىرام سۇپۇپ تەييارلىنىپ ئىستېمال قىلىنغاندا باش ئاغرىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ.
- 3بادىيان، رەيھان ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئارچا مېۋىسى ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتما تەييارلىنىپ ئىستېمال قىلىنغاندا سۈيدۈك-ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
08دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
باشقا قارا رەڭلىك ئۇرۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
- زىيانلىقى
- ئاشقازانغا زىيانلىق
- تۈزەتكۈچىسى
- ئاق ناۋات، بادىيان
- ئورۇن باسارى
- بالەنگو ئۇرۇقى، كۇنۇچە ئۇرۇقى
- مۇرەككىباتى
- سىفوفى قابىز




