01كېلىش مەنبەسى
بۇ پاقا يۇپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ئىسپىغۇلنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. ئەسلى ئۆسۈملۈگى تۇخۇمسىمان يۇپۇرماقلىق پاقا يۇپۇرمىقى (Plantago ovata L.) دىن ئىبارەت.
02دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى
ئۇششاق، قېيقىسىمان شەكىلدە، ئاق، قىزىل، قارا رەڭلەردە بولىدۇ. ئۆسۈملۈگى بوغداي ئۆسۈملۈكىگە ئوخشايدۇ. پۇرىقى سۇس، تەمسىز كېلىدۇ.
03چىقىش ئورنى
كەشمىر، ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ. ۋەتەننىڭ خوتەن رايونىدىمۇ تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
04خىمىيىلىك تەركىبى
ئىسپىغۇل تەركىبىدە ٪10 ياغ، رىزىنا ۋە پىلانتاگىن ناملىق جەۋھەر تۇتىدۇ.
05فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
پىلانتاگېن نېرۋىلارنى قوزغىتىپ، كاناي، كاناي شاخچىلىرى ۋە ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ. يەنە نەپەس مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نەپەس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە ئاستىلىتىدۇ — شۇڭا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۆتەل پەسەيتىش ئۈنۈمى بار.
ئىسپىغۇل ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيى بېرىلسە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت سۈيدۈك راۋان بولۇپلا قالماستىن، سۈيدۈك جەۋھىرى (ئۇرېئا)، ناترىي خلورات ۋە سۈيدۈك كىسلاتالىرىنىڭ چىقىرىلىشىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئىسپىغۇل ئۇرۇقى تالقىنى تۇبېركۇليوز (سىل) كېسەللىكلىرىگە سىناق قىلىنغاندىمۇ ئىجابىي ئۈنۈم بەرگەن. بولۇپمۇ ئېغىر ئاشقازان يارىسىدا بۇ تالقان ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن.
06تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
ئىسسىق قايتۇرۇش، سەپرا ماددىسىنى تەڭشەش، ھارارەت ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قاننىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
- ئېقى
- 3-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
- قىزىلى
- 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
- قارىسى
- 1-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- 3–10 گىرام
07ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- سۈيدۈك يولى ياللۇغى
- ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
- گال ئاغرىقى
- تىل ئېچىشىش ۋە يېرىلىش
- بۆرەك جاراھىتى
08ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
ئىسپىغۇل كۆپىنچە ئىچىدىن ھەم سىرتىدىن، يەككە ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ. باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
- 1ئىسپىغۇل 10 گىرام، بىيە ئۇرۇقى 10 گىرام، بالەنگو 3 گىرام، بادىيان 3 گىرام ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنسا قان-تولغاققا مەنپەئەتلىك.
- 2ئىسپىغۇل گۈل يېغى بىلەن بىرلىكتە بوغۇملارغا سۈرۈلسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئىسسىق تارقىتىدۇ، تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەتلىك.
- 3ئىسپىغۇل بىيە لوئابى بىلەن بىرلىكتە چېپىلسا تىل يېرىلىشىغا مەنپەئەتلىك.
- 4بىيە ئۇرۇقى لوئابى، ئىسپىغۇل لوئابى ۋە تاباشىر بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنسا سەپراۋى ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
- 5ئىسپىغۇل، گۈل بىنەپشە، بىيە ئۇرۇقى، سەرپستان قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ دەملەپ بېرىلسە يۆتەل، زۇكام ۋە نەزلىگە مەنپەئەتلىك.
09دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- زىيانلىقى
- جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ
- تۈزەتكۈچىسى
- ھەسەل، ئاقىر قارھا
- ئورۇن باسارى
- بىيە ئۇرۇقى
- مۇرەككەپ ياسالمىلىرى
- سىفۇفى تىيىن، قۇرسى تاباشىر كافۇرى




