01كېلىش مەنبەسى
بۇ سېمىز ئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، سېمىز ئوت (Portulaca oleracea L.) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت.
02دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى
بۇ ئۇرۇق ناھايىتى ئۇششاق، شەكلى ياپىلاق، بۆرەك شەكىللىك، قارا رەڭدە، پۇرىقى سۇس، تەمى بىمەزە بولىدۇ.
03چىقىش ئورنى
ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
04خىمىيىلىك تەركىبى
پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە چوڭ مىقداردا نورادرېنالىن (noradrenaline) ۋە كۆپ مىقداردا كالىي تۇزى (كالىي نىترات، كالىي خلور، كالىي سۇلفات قاتارلىقلار) بار. ھۆل چۆپىدە ٪1، قۇرۇق چۆپىدە ٪17 كالىي تۇزى تۇتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دوپامىن، ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، گليۇتامىك كىسلاتا، ئاسپاراگىنىك كىسلاتا، ئالانىن، قومۇش شېكىرى، ئۈزۈم شېكىرى ۋە مېۋە قەنتى قاتارلىقلار بار.
ھەر 100 گىرام يېگىلى بولىدىغان قىسمى تەركىبىدە 2.3 گىرام ئاقسىل، 0.5 گىرام ماي، 3 گىرام شېكەر، 0.7 گىرام يىرىك تالا، 85 مىللىگىرام كالتسىي، 56 مىللىگىرام فوسفور، 1.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 2.23 مىللىگىرام كاروتىن ۋە 23 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولىدۇ.
05فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى: 1:4 نىسبەتلىك قويۇقلۇقنىڭ تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەلەرنىمۇ تورمۇزلايدۇ.
06تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
قان-سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىشىشىنى پەسەيتىش، ھارارەت ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىسسىق ھەم ياللۇغ قايتۇرۇش، سەپرانىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش، قان تازىلاش، بەدەنگە جۇلا بېرىش تەسىرى بار.
- تەبىئىتى
- 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- ئىچىدىن 5–10 گىرام
07ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى
- ئاشقازاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىش
- مېڭە پەردە ياللۇغى
- سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش
- قىززىتما، كۆپ ئۇسساش
- جىگەر كېسەللىكلىرى
- يۇقىرى قان بېسىم
- سەپراۋى ئىسھال، بويۇن قېتىش
08ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
- 1قوغۇن ئۇرۇقى 10 گىرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 10 گىرام، تخم خىرفە 10 گىرام، ئوغرى تىكەن 10 گىرام، مىيكۇ 10 گىرام، بادىيان 10 گىرام، شاھىتەررە 10 گىرام، ئەفتىمۇن 10 گىرام چايلىق تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنغاندا سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، سىزلام ۋە سۈيدۈك يولى ئېچىشىشىغا مەنپەئەتلىك.
- 2سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىگە ئاق سەندەل ھىندىنى سۈرۈپ باشقا چاپسا باش ئاغرىقى ۋە سەرسامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
- 3سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئابىزەن قىلىنسا بالىياتقۇ ئىسسىقىنى قايتۇرىدۇ. پاشۆيە قىلغاندا مۈچىلەردىكى ئىسسىقلارنى ھەيدەيدۇ.
09دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
باشقا قارا رەڭلىك ئۇرۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
- زىيانلىقى
- كۆپ ئىستېمال قىلىنسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ
- تۈزەتكۈچىسى
- بادىيان، پىننە، يالپۇز
- ئورۇن باسارى
- ئىسپىغۇل، ئاق قەنت
- مۇرەككىباتى
- شەربىتى مۇسەففى خۇن، قۇرسى كاكىنەچ، قۇرسى سەرتان، مۇفەررىھ بارىد




