01كېلىش مەنبەسى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زاراڭزىنىڭ گۈلىدىن ئىبارەت. ئەسلى ئۆسۈملۈگى زاراڭزا (Carthamus tinctorius L.) دىن ئىبارەت.
02دورا-ئەشياسىنىڭ شەكلى
رەڭگى قىزىل ۋە سېرىق، بىر ئاز ئالاھىدە پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق، گۈل ياپراقچىسى نەيچىسىمان.
03چىقىش ئورنى
ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
04خىمىيىلىك تەركىبى
زاراڭزا چېچىكى تەركىبىدە ٪20–30 گىچە سېرىق پىگمېنت (safflower yellow)، ٪0.3–0.6 كارتامىن (carthamin) ۋە گلىكوزىد قاتارلىقلار بار.
05فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
- 1زاراڭزا قايناتمىسىنىڭ چاشقان، توشقان، مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ بالىياتقۇسىغا نىسبەتەن تەسىرى بار.
- 2زاراڭزا ياسالمىسى مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ قان بېسىمىنى ئۇزۇن ۋاقىت چۈشۈرىدۇ.
- 3كىچىك دوزىدىكى زاراڭزا قايناتمىسى چارپايا يۈرىكىنى يەڭگىل ھالدا قوزغىتىدۇ؛ چوڭ دوزىدىكىسى تورمۇزلايدۇ.
- 4زاراڭزا قايناتمىسىنىڭ تەجرىبە قىلىنغان بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۈچەي يولىغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرى بار.
06تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتى
سۈيدۈك-ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈرۈش، بالىياتقۇ-ئۈچەينى قوزغىتىش، مەنى پەيدا قىلىش، مېڭە، يۈرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
- تەبىئىتى
- 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
- ئىشلىتىش مىقدارى
- 5–10 گىرام
07ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر
- ھەيىز تۇتۇلۇش
- قىيىن تۇغۇت، بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىك
- سۈت-مەنى كەملىكى
- جىگەر-تال توسۇلۇش
- پالەچ، لەقۋا، رەئىشە
- بەرەس، بەھەق
- باھ ئاجىزلىقى
08ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرى
زاراڭزا چېچىكى كۆپىنچە ئىچىدىن، يەككە ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ. يەككە ھالەتتە سوقۇپ تالقانلاپ ياكى قاينىتىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
- 1زاراڭزا گۈلى ۋە ئاپتاپپەرەس گۈلى ھەر بىرىدىن 10 گىرام، سانا 15 گىرام، ئۇبھەل 7 گىرام، خىيار شەنبەر 15 گىرام، تۇخۇمى سويا 10 گىرام، بادام مېغىزى 15 گىرام ئېلىپ قاينىتما تەييارلاپ بېرىلسە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
- 2داڭگۇي 9 گىرام، شاپتۇل مېغىزى 9 گىرام، زاراڭزا گۈلى ۋە لىپەكگۈل ھەر بىرىدىن 15 گىرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ بېرىلسە ھەيىز تۇسۇلۇش ۋە ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەتلىك.
09دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- زىيانلىق تەسىرى
- ئىسسىقچانلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ
- تۈزەتكۈچىسى
- بىنەفشە
- ئورۇن باسارى
- خىيار شەنبەر، ھەببىتۇلخۇزرا
- مۇرەككەپ ياسالمىلىرى
- شەربىتى مۇدەررەمەس، زاراڭزا شەربىتى




