01شىپالىق تەسىرى ۋە خۇسۇسىيىتى
جىگەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش: جىگەر قېنى كەمچىللىكتىن بولغان كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ۋە كۆز قۇرۇقلىشىشقا ئۈنۈملۈك شىپا قىلىدۇ. ئۆپكىنى يۇمشىتىش ۋە قۇرۇق يۆتەلنى توختىتىش: ئۆپكە قۇرۇقلىشىشىدىن بولغان سوزۇلما يۆتەل ۋە كاناي بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ. قان يېڭىلاش ۋە تېرىنى نۇرلاندۇرۇش: بەدەننىڭ تەبىئىي كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بېغىشلايدۇ، قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ.
02ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى
ئۆلچەملىك مىقدارى: 5–10 گرام
بىۋاسىتە خام ئىستېمال قىلىش، دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىش، قايناتما (مەتبۇخ) دورىلارغا، مۇرەككەپ مەجۈن، ھەب ۋە مۇراببالارغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
03مۇسلىھى ۋە بەدىلى
مۇسلىھى (تۈزەتكۈچىسى): سىركەنجىبىل
بەدىلى (ئورۇنباسارى): قارا ئۆرۈك
04تەسىر قىلىدىغان ئەزا
جىگەر، قان-تومۇر، كۆز
05دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە چەكلىمە
بەدەندە قىزىتما، ياللۇغلىنىش، ئاشقازاندا ئېغىر بەلغەم-ھۆللۈك بولغان ياكى ئاسان ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى، ئاز-ئازدىن



