01كىرىش سۆز
بۇ كىسەللىك دىماغدىن چۈشكەن نەزلە سۇيۇقلىقىنىڭ كانايغا قۇيۇلىشى ياكى كاناي مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزىلىشى، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش تۈپەيلىدىن كاناي ۋە كاناي شېللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش، قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئېششىق پەيدا بولۇپ، كىلىنىكىدا يۆتىلىش، قىزىش، بەلغەم تۈكۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، قىش كۈنلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل نەپەس سېستىما كىسەللىكلىرىدىن ئىبارەت. داۋالاش: 1- رېتسىپ: زىغىر، بىھى ئۇرىقى قاتارلىقلارنى بىر ئۇچىمدىن ئىلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ شىرنىسى ئىچىپ بىرىلىدۇ. 2- رېتسىپ: بىھىنىڭ ئۇرىقىن دائىم شۈمۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. 3- رېتسىپ: ئاقلەيلى گۈلى بىر سىقىم، ئاقلەيلى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ھەمشىباھار گۈلى بىر سىقىم، بىھى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ئەنجۈر مونىكى بەش تال قاتارلىقلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، يىرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. 4- رېتسىپ: زىغىر يىغىدا تاماق ئىتىپ يىگەندە كاناي ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى تىزرەك بولىدۇ. 5- رېتسىپ: كۆك قاپاقنى ئىزىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىككى تارغاقنىڭ ئارلىقىغا تىڭىپ قويىلىدۇ. 6- رېتسىپ:




