
Uygur Tıbbı
تەرەنجىۋىن (يانتاق شىكىرى)
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يانتاق ئۆسۈملىكىنىڭ يۇپۇرمىقىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇقنىڭ قېتىپ قېلىشىدىن ھاسىل بۇلىدىغان شېكىرىدىن ئىبارەت باشقا تىللاردىكى نامى : تەرەنجىبىن، مۇنا، تەرەنگىبىن، شىكەر جۇانسە تەبىئىتى : 1- ھۆل ئىسسىق خۇسۇسىيىتىم: ماددىلارنى پۇشۇرۇش ، سۈرۈش ، يۇمشىتىش ، بەلغەم بوشىتىش، ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش ، سۈت پەيدا قىلىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە . ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر : بەدەن ئاجىزلىقى ، بۆرەك ئورۇقلاش ، سۈت ئازلىق ، قەۋزىيەت ، قۇلۇنجى ، ئاشقازان ئۈچەي جاراھەتلىرى قاتارلىق كىسەللەردە ئىشلىتىلىدۇ. تەرەنجىۋىن ، سانا ، بادىيان ، گۈل بىنەفشە قاتارلىقلارنى دەملەپ ئىچسە قۇلۇنجىغا مەنپەتلىك . تۈزەتكۈچىسى: بەدىيان ئورۇنباسارى : قىزىل شىكەر
