
Uygur Tıbbı
پىياز ئۇرۇقى
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى : بۆرەك ، باھ ، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش ، سۈت ، مەنى كۆپەيتىش ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىش ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش ، تېرىگە جۇلا بىرىش ، قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر: باھ ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى ، بەدەن سوۋۇپ كىتىش ، نىرۋا ، پەي ئاجىزلىقى ، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش ، ھەزىم ناچارلىق ، داغ ، ئاق كىسەل ، بەھەق ، تەمرەتكە ، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. رىتسىپ : پىياز ئۇرۇقى ، بەدىيان ، قەلەمپۇر ، پىننە ، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، ھەزىمنى ياخشىلاپ يەل تارقىتىدۇ. 3. تۈزەتكۈچىسى : لىمۇن ، سىركە ئورۇنباسارى : كۈدە ئۇرۇقى ، سىيادان
