ئىلمىي ماقالە

ئۇﻳﻐﯘﺭ تېبابىتىنىڭ بەزى يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا بەزى تەكلىپ-تەدبىرلەر

قەيسەر مەمتىمىن تېكىن
(خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بىئو-خىمىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ھەرقانداق تىب ۋە ئۇنىڭ ئەھلى كەمچىلىك-نۇقسانلاردىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە ئىلمىي، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، جىددىي تولۇقلاش، تۈزىتىش ئارقىلىق ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلىسەك، كېيىنكىلەرگە تېخىمۇ ساغلام، تەرەققىي قىلغان ھالىتىدە ئۆتكۈزۈپ بېرەلەيمىز.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يېتىشسىزلىكلەر؛ تەكلىپ ۋە تەدبىرلەر

1. ئۇيغۇر تىبابېتىنىڭ ئاساسلىق كەمتۈك-نۇقسانلىرى
گەرچە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە داۋالاشنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىكى، ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىلىرىغا بېرىپ داۋالىنىدىغانلارنى كۈنسايىن كۆپەيتكەن، خەلقنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە بولغان ئېھتىياجى زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تېبابىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئاڭدىكى بېكىنمىچىلىك، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئاستا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۆۋەندىكىدەك يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىۋاتىدۇ.
1)ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئىنسان تۇيغۇسىغا تايىنىشتىكى تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرى، بولۇپمۇ زامانىۋىي سېزىمچان ئەسۋاب-ماتېرىياللىرى تەتقىقاتى، ياسىمىچىلىقى، ئۇنىڭ كلىنىك ئىشلىتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى بەكمۇ ئاز. دوختۇرخانىلىرىنىڭ زور كۆپىنچىسىدە بىمارلار كۆپ، خىزمەتچىلەر ئاز؛ تاشقى ئۇچۇر ئالاقە ۋە ھەمكارلىق خادىم-ئاپپاراتلىرى يوق دېيەرلىك؛ ھازىر بار بولغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەن، تۈرى ئاز، كەسپى ئىشلاردا زۆرۈر بولغان ئاپپاراتلار ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈدىغان ئەسۋاپلارنىمۇ تولۇق سېتىۋالالمىغان.
2)يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغانلار، جۈملىدىن، كۈچلۈك ھەم ئەمەلىي تەتقىقاتچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى خېلىلا ئاجىز. 2006-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار %12.02 نى، ئالىي تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكىلەر %24.00 نى، ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكىلەر 39.50% نى، ئونىڭدىن تۆۋەنلەر %24.48 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى قۇرۇلمىسى بويىچە ئايرىغاندا، ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە خىزمەتچىلەر %5.35، ئوتتۇرا دەرىجىدىكىلەر %20.27، 3- دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغانلار #60.21، ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر %14.17 ئىكەن.
3) تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كەمچىل، ئىلمىي ئۇنۋان قۇرۇلمىسى تەكشىسىز، تەتقىقاتچىلار قوشۇنى، ئۇنىڭ قورۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى تەلەپتىن يىراق، مەبلىغى ۋە زامانىۋىي ئەسلىھەلىرى يېتەرسىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئالىي دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابىتى مەكتىپى بولسىمۇ، لېكىن ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر خېلىلا كۆپكەن. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋارىسلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش تېخى تەلەپكە لايىق بولمىغاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار تولىمۇ كەمچىلكەن. مەكتەپ تۈزۈمى راۋان بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل( يەنى كەمچىلىك دەرىجىسى %30 گە يېتىدىكەن)بولسىمۇ، ھازىرچە كەم شىتاتنى مۇقىمدىيالماسلىق-رەسمىيلەشتۈرەلمەسلىك قېيىنچىلىقى مەۋجۇت، مەبلىغى ئاز، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئاجىز، يۈرۈشلەشكەن تەتقىقاتچىلار قوشۇنى ئومۇمەن ھازىرلانمىغان بولۇشتەك قىيىنچىلىقلار خېلى ئېغىر ئىكەن.
4) ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلەرنى مىكروب ئامىلىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ توغرىسىدا غەرب تېبابىتىنىڭكىدەك بىر يۈرۈش تولۇق ھەم خېلى مۇكەممەل بولغان ئەمەلىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش، سىناق ۋە دەلىللەش ماتېرىيالى، ئۆزگىچە نەزەرىيىلىرى ۋە قاراتمىلىققا ئىگە ئالاقىدار داۋالاش دورا-ئەسۋاپلىرى تولىمۇ كەمچىل.
5) ئۇيغۇر تېبابەت دورا ۋە نەزەرىيە ئاتالغۇلىرى ئىچىدە ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳۆﺯﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ، بولۇپمۇ دورا ئەشيالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يەنىلا ئوردوچە، پارسچە، ئەرەپچە ئاتاش كۆپرەك، ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە خەلقئارلىق ئىلمىي نامى بولغان لاتىنچە ئاتاش كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋال ھېلىھەم مەۋجۇت. ئەگەر بۇلار ساپ ئۇيغۇرچە ياكى تۈركچە ئاتالغۇسى بىلەن، شۇنداقلا لاتىنچە نامى بىلەن مۇپەسسەل ئىزاھلانسا، بىرتەرەپلىمە ياكى خاتا ﭼﯘﺷﯩﻨﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ئايدىڭلاشقان-ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻥ، مۇقىملاشقان ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ زورىيىپ ئەۋلادلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، ئوبدانراق ۋارىسلىق قىلىشىغا پايدىلىق بولغان، شۇنداقلا ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېبابىتىنىڭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭغان، ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولار ئىدى.
6) ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى بازار ئېچىش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش جەھەتتە ھازىر تىبەت، مياۋزۇ، موڭغۇل تېبابىتى دورىلىرىدەك ئۇنچە تېز يۈكسىلەلمەيۋاتىدۇ. سىتاتسىتىكىغا قارىغاندا، 2004-يىلى مەملىكەت بۇيىچە مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان. ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئاران 50 مىليون يۈەنگە يەتكەن، يەنى %1 نىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن. مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئارىسىدا يەككە تۈر بۇيىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى 20 خىلغا يېقىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل دورىلارنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىمۇ چىقمىغان. مەملىكىتىمزدە مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئارىسىدا سېتىش كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى 15 تىن ئاشىدۇ. ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سېتىش كىرىمى 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كارخانىسى يوق. مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئارىسىدا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكىنى بىر مىڭ 178 خىل بولۇپ، ئۇنىڭ 865 خىلى تەڭشەپ ياسىلىدىغان دورىلار ئىكەن.
7) ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى خەنزۇ تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئارۇپنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئوبيېكتىپ ۋە سوبيېكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈنۈملۈك قوغدالمىغان. 96 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنىڭ ئارىسىدا پاتنېت ھوقۇقى بارلار ياكى مەمۇرىي جەھەتتە قوغدىلدىغىنى %5 كىمۇ يەتمەيدىكەن. تەڭشەپ ياسالغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پەقەت 96 خىل بولۇپ، تەستىق نومۇرى ئالغانلىرى ئاران %35 كەن. دۆلەت تەستىقلىغان OTC (دورا نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشى)گە كىرگەن 200 خىل مىللىي تېبابىتى دورىسىنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىدىن ئاران 20 خىلى بار ئىكەن. ھالبۇكى، تىبەت تېبابىتى ۋە مياۋزۇ تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قوغدىلىش نىسبىتى %60 تىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆپ، ئىجادىي ئىشلەش ئاز بولۇش قىلمىشى ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا نىسبەتەن يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاپەت بولغان. 2005- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 51 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنى رايۇنىمىز ۋە ئىچكىرىدىكى 91 كارخانا ئوخشىتىپ ياسىۋالغان. بۇ شۇ دورىنىڭ ھەققانىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كارخانىلىرىغا زور ئىقتىسادىي زىيان سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنىمۇ تۆككەن. 8) ئۇيغۇر تىبابېتىنىڭ خەنزۇچىدىن باشقا ئېنگلىزچە، روسچە، فىرانسۇزچە، تۈركچە، ئەرەپچە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىمۇ تىبەت، موڭغۇل، مىياۋزۇ تېبابەتلىرىنىڭ ئارقىدا تۇرىدىكەن. دېمەك، ئۇچۇر، تەشۋىقات، ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قەھەتچىلىكى ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش خاھىشى ئۇيغۇر تىبابىتىنى زامان تىنىقلىرىنىڭ ئارقىسىدا قېلىشقا مەلۇم دەرىجىدە سەۋەبچى بولماقتا.

2. تەكلىپ ۋە تەدبىرلەر
1) ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئانا تېبابەتنىڭ قىممىتىنى توغرا، تولۇق تونۇش ھەم ئىپادىلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، ھەيدەكچىلىك، پاسىبانلىق رولغا تالىق بولغان ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلار، سىستېمىلىق بىلىمگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار، مۇكەممەل نەزەرىيە ۋە جانلىق ئۇسۇلنى ئىگىلىگەن تەتقىقاتچىلار، سەمىمىي ھەم پاراسەتلىك تەرغىباتچىلار، قابىل ئىزباسارلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى، مۇناسىپ يېڭى قان، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇسۇللارنى راۋان، دادىل قوبۇل قىلىدىغان ھەم ئۆزلەشتۈرگەن زامان، ماكان بوشلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە، تەلەپ- ئېھتىياجلىرىغا ئۇيغۇنلاشقان مول، ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە كەسپىي ئىختىساس ئېگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇش، ئىشەنچنى تىكلەش، ئۈمىد-ئىشەنچنى ئۆستۈرۈپ ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ساختىلىقنىڭ سېڭىپ كىرىشىدىن ساقلىنىشنى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى، ياخشى مەھسۇلات بىلەن بازار ئېچىشنى ئاساس، قوبۇل قىلىشنى قوشۇمچە قىلىش، خاسلىقنى ساقلاش بىلەن كەمچىلىكنى تولۇقلاشنى مىزان قىلىش.
ئىككىنچىدىن، ئۆزئارا ھەمكارلىق-ماسلىشىشنى قەتئىي ھەم داۋاملىق «بىزۇكۋار» بىلىش؛ كونا-يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم كەڭ دائىرىدە تونۇشۇشقا، دادىل ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا، ئىختىرالارنى، سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ-تەجىرىبىلەرنى خاتىرلەپ توپلاپ ھەم سىناق قىلىپ مېڭىشقا ھەرۋاقىت ئەھمىيەت بېرىش. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە ئۆزئار قويۇق ھەمكارلىشىش-ئۇيۇشۇش، ئالماشتۇرۇش روھى بويىچە(ھەقىقىي مەنىدىكى «ئۇيغۇر تېبابەت ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلسىغۇ بەك ياخشى بولار ئىدى). بۇنداق ھەمكارلىشىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب، پارس، ھىندى، ئوردو، تۈرك ئەللىرىگە قەدەر كېڭەيتەلىسەك تېخىمۇ پارلاق نەتىجىلەر كۆڭلىمىزنى، ئىرادە، ئىشەنچىمىزنى كۆپ تېرەنلەشتۈرگەن بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمۇ زور تەقەززالىق ئىشلار جۈملىسىندىندۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىبابېتىنىڭ قەدەمىي ئەسەرلىرىنى ئېچىش-رەتلەش، مىللىي دورا ئەشيالىرىنى كەڭ ئېچىش-يېتىشتۈرۈش، نەزەرىيە، رېتسىپ، دېئاگنۇز، داۋالاش ۋە ئۇسۇل-ئەمەلىيەت، كلىنىكا-تەجرىبە، ئىختىساسلىقلار-مۇتەخەسىسلەر، باشقۇرۇش-ئېچىش، ستاتىستىكا، تەتقىقات، خۇلاسە، پىلان ۋە نەتىجىلەر ئۇچۇرى، يۇمشاق دېتاللىرى بايلىقى قاتارلىقلارغا، دورا ۋە نەزەرىيە ھۆكۈملىرىنىڭ تارىخ-مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېر بىلەن بىرتەرەپ قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش دەۋرنىڭ، تېبابەت تەرەققىياتىمىزنىڭ تەخىرسىز تەلىۋىدۇر.
ئۈچىنچىدىن، كەڭ، ئىلمىي، جانلىق، سىستېمىلىق خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان ئوقۇتۇش، داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە تەتقىقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش، سەرخىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە، موڭغۇل، زاڭزۇ، جۇئاڭزۇ، چاۋشىيەنزۇ، مىياۋزۇ، دەيزۇ، يىزۇ تېبابەت ئىنىستېتوتلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىبابەت مەكتىپىمىزنىڭ دەرىجىسىنىمۇ تولۇق كورۇس، ھەتتا ماگېستىر ئاسپىرانت تەربىيلەش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشكە تېرىشساق، بەدەل تۆلىسەك ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.
تۆتىنچىدىن، تەتقىقات ۋە تەرغىباتنى چىڭ تۇتۇش. كونكىرتىنى ئېيتقاندا، تونۇش ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەم ئۇسۇل بىلەن مەۋقەنى تېزراق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئاۋۋال مەبلەغ سېلىش؛ ئىمكانىيەت بارلىكى دورىلارنى ئۆزىمىز يېتىشتۈرۈشنى كېڭەيتىش ۋە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش؛ يەككە رېتسىپلىق دورىلار بىلەن ئەل ئىچى دورىلىرىنى قېزىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تاشلىنىپ قېلىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوغداشنى چېڭىتىپ، ئىجتىمائىي تەسىر بىلەن ئىلمىي تەسىرگىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ غەرب تىبابېتىنىڭ زامانىۋىي پىروگراممىلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش تەتقىقات ۋە خىزمەتلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە مۇناسىپ سايمانلارنى ئۆزىمىز ياساپ ئىشلىتىشىمىز لازىم.
بەشىنچىدىن، ئۇيغۇر تىبابېتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى كۆپ خىل تىللارغا راۋان تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرالايدىغان زور بىر تۈركۈم تەرغىباتچىلار قوشۇنىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلارنىڭ رولى، داۋالىرىغا قارىتا تەشۋىقات يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاممىنىڭ تونۇشى ئاجىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە، مۇناسىپ خىزمەتلەرنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
2) خاسلىقنى ساقلاش بىلەن زامانىۋىيلىشىشنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە بىردەكلىكىنى ساقلىغان، ماكاننىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشدىغان ئىشەنچىلىك، ئىلغار ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقىمۇ تەقەززامىز. بۇنىڭ ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، دورىگەرلىك سىنىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىدە قايسىسى يېتەكچىلىك، قايسىلىرى كۈچەيتكۈچىلىك، قايسىلىرى تۆزەتكۈچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى پۇراق، تەم، رەڭ، ھالىتى دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ تولۇق بىلگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈملۈك تەركىبنى ئايرىپ ئېلىش ۋە بېكىتىش تەتقىقاتىنى بىئوخېمىيە، ئورگانىك خىمىيە ئانالىزى، ئۆسۈملۈك خېمىيىسى، تەبىئىي ماددىلار خېمىيىسى، چەككىلەش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش خېمىيىسى قاتارلىق ئارىلىق پەنلەر بىلەن مىزاج، خىلىت، تۈزەتكۈچى، كۈچەيتكۈچى دېگەنلەرنىڭ ماددىلىق ۋە سۈپەتلىك تەسىرىنى، دورىلارنى سۈمۈرلۈشى، پارچىلىنىشى، چىقىرلىشى قاتارلىق ئۆزگىرىش باسقۇچلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، مۇپەسسەلرەك بىلىشكە يەنىمۇ مۇھتاجمىز. مىسال ئالساق، يېقىندىن بۇيان كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر بىئوتېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىبابېتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «بوشلۇق»لىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇنى غەرب تىبابېتىنىڭ بەزىبىر خىمىيە ۋە بىئوخېمىيىلىك دورا ئىشلەش ئۇسۇللىرىغا مەرھەمەت قىلىش، بەزىلىرى غەرپچە دورىلارغا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دورىلىرىنى كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مەلۇم نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاش، كۆركەم ئوراش-قاچىلاش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمال قىلىش تېخىمۇ قولايلىق، ئاز يېسىمۇ تېزراق تەسىر قىلىدىغان، جىددىي كېسەللىكلەرگە بولغان ئۆنۈمى بىرقەدەر تېزلەشتۈرۈلگەن، ھەمدە ماركىسى قانۇنلۇق ئەنگە ئېلىنغان ئۇيغۇر تېبابەت دورا مەھسۇلاتلارنى روياپقا چىقىرىپ، ھەرھالدا مەلۇم ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەتلەرنى ياراتتى. ھازىرچە بۇلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي ھەم ئالدىراپلا يامان ئىش دېيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىشى مۈمكىن.
ئىككىنچىدىن، تەجىرىبە ھايۋانلىرىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش. يەنى دورىلارنى كلىنىكىدا ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال چوقۇم تەبىئىتى، مىزاجى، خىلىتى، دورىغا سەزگۈرلىكى ئىنسانلارغا يېقىنلىشىدىغان چاشقان، توشقان، ئىت قاتارلىق تەجرىبە ھايۋانلىرىغا سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئادەمگە سىناق قىلىشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. ئادەتتە زەھەرلىك دورىلارنى داۋالاشتا قوللىنىش، تېبابەتچىلىكنىڭ خىلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى، لېكىن زەھەرلىك دورىلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ مۇۋاپىق، توغرا مىقداردا ئىشلىتىلمىسە زەھەرلىنىش، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە كېلىپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئاددىي دورىنىمۇ بىرنەچچە، ھەتتا 10-20 يىل سىناق قىلىپ ئاندىن بازارغا سېلىۋاتسا، بىزلەر نۇرغۇن دورىلارنى ھېچقانچە ئوبېيكىت، ۋاقىت، ئۇسۇل سىنىقىنى ئۆتكۈزمەيلا ئۇياقتىن ئىشلەپ بۇياقتىن بازارغا سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن بىز تىبابىتىمىزنى غەرب مىدىتسىناسى ياكى بىزنىڭ تېبابىتىمىزدىن بەكرەك تونۇلغان تىبلەر ئالدىدا دادىل چۈشەندۈرەلمەي تىلىمىز قىسىلىشقا، يۈزىمىز ئۇيۇلۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز. بۇنىڭغا قارىتا بەلكىم بەزىلەر «ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ دورا ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى يېيىشكە بولىدىغان تەبئىي ماتېرىياللار بولغاچقا، زەھەرلىك قىسمى يوق ياكى ئاز، شۇڭا …» دەپ قارىشى مۈمكىن. ئەمما رېتسىپ مۇرەككەپلەشسە، دورىلار ئاز بولسىمۇ ئۆتكۈر خۇسۇسىيەتلىك بولۇپ قالسا، بۇ قارشىمىز پۇت تېرەپ تۇرالارمۇ؟ ياساش ئۇسۇلى ۋە شارائىتى مۇناسىپ ئۆلچەمدە بولماي قالسا، قانداق قىلىمىز؟…
ئۈچۈنچىدىن، مەلۇم مىقداردىكى دورىلارنى ھازىرقى زامان بىئوتېخنىكىسىنىڭ ھورىنى ئېلىش، سۇيۇلدۇرۇپ ئېلىش، ئۆنۈملۈك تەركىبىنى ئايرىپ ئېلىش، ساپلاشتۇرۇش، ئېچىتىش، يۇقىرى بېسىم، ئالاھىدە تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئايرىش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش، ئېنزىملىق، ھورمۇنلۇق، يىلىم پەردىلىك(كاپسۇرلۇق) دورىلارنىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئېچىپ سىناق قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، شەكىل-ھالىتىنى كۆركەم، ئاددىي، ئىچىشلىك ھەم يەنىمۇ تېزراق تەسىر قىلىش ئارقىلىق، بوۋاقلار، ياشانغانلار، دورىغا قېرىقلارنىڭ ۋە جىددىي كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىشىغا لايىقلاشتۇرۇشنىمۇ ئويلىشىشقا بولامدۇ-يوق؟
تۆتىنچىدىن، تەركىبكىمۇ يېرىم ئۈلۈش ئېتىبار بېرىلسە. چۈنكى، سۇ، تۇپراق، ھاۋا، پەسىل، شەكىل-ھالەت، چاغ-پەيتلەرگە قاراپ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ھەمدە مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى تەسىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان دورا تەركىبتىن ئىبارەت «ئىككىنچى چوڭ ئامىل»مۇ كۆپ ھاللاردا ئاساسىي ئامىل بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز يەنە ئىزباسار دورىلار تەتقىقاتى، تۈزەتكۈچى ماددا تەتقىقاتى، ئىنچىكە ماددا ۋە روھىي ئامىل تەتقىقاتى قاتارلىقلارغا بولغان ئىدىيىۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى زامانىۋىي ئېكۇلوگىيەگە رېئايە قىلىش ۋە ئەنئەنىۋىي مۇھىت ئېڭىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش يۈزىسىدىن، قۇشقاچ مېڭىسى ئىشلىتىشكە كەپتەر مېڭىسىنى دەسسىتىشكە بولامدۇ-يوق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرقەدەر تولۇق ھەم ئىلمىيرەك تەھقىقلىغىلى بولىدۇ؛
بەشىنچىدىن، قەنتنى تويۇندۇرۇش ئارقىلىق(%50 تىن ئاشۇرۇش) تەبىئىي چېرىشتىن ساقلىغۇچىلىق رولى بولغان مۇراببا-شەربەتلىرىمىزنى شېكەرلىك سېيىش بىمارلىرىنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىقىنى، ئاددىي قەنتنى ياكى ئاقسىللىق چېرىتمەس دورىلارنى ياكى شۇ خىل تەركىبلىك غىزالارنى دەسسىتىش ئارقىلىق تەييارلاشقا ئۆزگەرتسەك بولامدۇ-يوق، دېگەنلەرنىمۇ ئويلىشىپ ھەم سىناق قىلىپ باقساق!…
ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، رېقابەت ۋە خىرىس رەھىمسىز. مۇكەممەلىككە يېتىش ئۈچۈن، تەنقىدى تەپەككۇرنى، تەرەققىيات نىشانىنى قانات يايدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى ۋاقتىدا بايقاپ، «سۇ كەلگىچە توغان سېلىش» پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە، ئاز-ئازدىن ئىشەنچ، مەبلەغ، ئەقىل ۋە تېخنىكا جەملەپ، يەرلىك قورىمىچىلىق قىلىپ ئوخشاش دورىنى تەكرار ئىشلەپ ۋاقىت، ئەشيا، زېھنىي قۇۋۋەتنىڭ بىھۇدە ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تېبابىتىنى چوڭ بىر سىستېما قۇرۇلۇشى دەپ بىلىپ بارنى يوقىتىش ئەمەس، كەمنى تولۇقلاپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېڭى مۇجەسسەملەنگەن يۈكسەك ئىلمىيلىك، تەرەققىپەرۋەرلىك، ھۇشيارلىق، تەمكىنلىك، دادىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق ساپاسى ھەم بۇرچ تۇيغۇسى بولىدىغان بولسا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنالىساق ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيىتىمىزنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا دۇرۇس ھەم زامانىۋىي ئۇسۇل بىلەن تەدبىقلاپ زىچ بىرلەشتۈرەلىسەكلا، ئۆزگىچە رېتسىپ، دورا، زاۋۇت، پۇرسەت دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى قولىمىزدىن ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەيدىغان بولىدۇ. شۇندىلا تېخىمۇ يېڭى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش مەنزىرىسى ئۇزۇنغا قالمايلا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ