ئىلمىي ماقالە قەنت سىيىش كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش يوللىغۇچى Uyghur Medicine On يانۋار 30, 2025 0 comments قەنت سىيىش كېسەللىكى بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما، ماددا ئالمىشىش ياكى بۆرەك خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ سىيىش ،كۆپ ئۇسساش، كۆپ يىيىش، بەدەن ئىغىرلىقى تۆۋىنلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، بۇ ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردە ، بولۇپمۇ جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن ئاز شۇغۇللىنىدىغان ، باياشات تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.كېسەللىك سەۋەبى: قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ سەۋەبلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، ئاساسلىقى مېڭە ، يۇلۇن، ئاشقازان ، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى ، ئۈچەي بۆرەك قاتارلىق ئەزالاردا يۈز بەرگەن ھەرخىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن بۇ ئەزالار خىزمىتىنىڭ ياكى ئىچكى توقۇلمىلىرنىڭ بۇزۇلىشى ، غەم –قايغۇ،ئازاپلىنىش ھاياجانلىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مېڭە خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى ئامىللارغا كۆپ مۇپتىلا بولۇش ، ئالىي دەرىجىلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىش ، كۆپ ھاراق ئىچىش ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە زىيادە بېرىلىش ، روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپ خىل ، مۇرەككەپ ئامىللارغا بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قەنت سىيىش كېسەللىكى – پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قەنىت سىيىش كېسەللىكى( ئسسىقتىن بولغان قەنىت سىيىش) ۋە يالغان قەنىت سىيىش كېسەللىكى (سوغۇقتىن بولغان قەنىت سىيىش ) دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.قەنت سىيىش كېسەللىكى: قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ بۇ خلىى بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلار ، بولۇپمۇ .ئاشقازان ئاستى بېزى ئاجىرتىپ چىقىردىغان ئىنزولىن(سۇيۇقلۇق) بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك . ئادەم كۈندە ئىستېمال قىلىغان ئوزۇقلۇقلار ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە شۈمۈرۈش رولى ئارقىلىق جىگەرگە بارغاندىن كېيىن ، جىگەر ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەنىت ماددىسىنىڭ بىر قىسمى گىلكوگىنغا ئايلاندۇرۇپ ساقلايدۇ .بىر قىسمىنى گىلكوزىغا ئايلاندۇرۇپ بەدەنگە قويۇپ بېرىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن گىلكوزىلار قان ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى توقۇلمىلارغا يېتىپ بېرىپ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ . بۇ جەريانلاردا ئۇلار قۇۋۋەت ۋە ئېنېرگىيە قىلىپ ، پۈتۈن ئورگانىزمنىڭ نۇرمال ھاياتلىق پائالىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ . بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ قالغان گىلكوزىلار مۇسكۇل گىلكوگىنى ۋە مايغا ئايلىنپ ، ئەزالاردا زاپاس ساقلىنىدۇ .گىلكوزىنىڭ مەيلى جىگەر گىلكوگىنغا ئايلانغىنى بولسۇن ،مەيلى ھەر قايسى ئەزالاردا ئىشلىتىلگىنى بولسۇن ساقلىنىۋاتقىنى بولسۇن ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يېتەرلىك مىقداردا ئىزولىن بولغاندىلا ، ئاندىن نۇرمال يۈرۈشۈپ ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرشىغا قاتنىشىپ ، بەدەن ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ . ئەگەر ئاشقازان ئاستى بىزى ئاجىرتىپ چىقىردىغان ئىنزولىننىڭ ئاجىرلشىشى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ تۆۋەنلىسە ، گىلكوزىنىڭ ئالمىششى قالايمىقانلىشىپ ، ئورگانىزمدا كۆپ مىقداردا گىلكوزا يىغىلىپ قېلىپ بەدەنگە ئىشلىتىلمەي (بەدەن تەركىبلىرىگە ئايلىنالماي ) قالىدۇ. نەتىجىدە تەدرىجى قاندىكى قەنىتىڭ قۇيۇقلىقى ئارتىپ كىتىدۇ. بۇ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈكتىكى قەنىتنى سۈزۈش خزمىتىگە بېسىم بېرىپ ئۇنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ھەر قىتىلمىق سۈيدۈك بىلەن كۆپ مىقداردا قەنىت ماددىسى بەدەن سىرتىغا چىقىپ كىتىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ ، نوقۇل ھالدىكى قەنت سىيىش كېسەللىكى بولىدۇيالغان قەنت سىيىش كېسەللىكى: قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ بۇ خىلى بۆرەكنىڭ سۈزۈش ، ئۆتكۈزۈش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ تۈرلۈك ئامىللارنىڭ بۆرەككە تەسىر قىلىشدىن بۆرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش خىزمىتى ئېشىپ ، سۈزۈش خىزمىتى تۆۋەنلەپ قاندىكى بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان قەنىت ماددىلىرى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.كېسەللىك ئالامىتى:قەنت سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بىمار ئۆزى ھېس قىلالىغۇدەك ئېنىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.پەقەت پۇت-قوللىرى دائىملىق ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ.بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.تېرىلىرى قىچىشىپ تېرە يۈزىگە ئاسانلا مۇدۇرچاقلار چىقىدۇ.كۆرۈش قۇۋۋىتى سۇسلىشىدۇ.ئاياللاردا ھېيىز تۇتۇلۇپ،جىنسي ئەزا قىچىشىدۇ.ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق بولىدۇ، كۆپ ئۇسساپ، كۆپ سىيىدۇ، ھەر قېتىم سىيگەندە سۈيدۈكى ئاقۇش كۆپۈكسىمان كېلىدۇ.دائىم قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىش بىلەن بىرگە كۆپ سىيىش،كۆپ ئۇسساش ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ‹‹ئۈچ كۆپ،بىر ئاز›› ئالامىتى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىمارنىڭ بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولغاندىن باشقا ،كىتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش،تاجىسىمان ئارتېريىلىك يۈرەك كېسەللىكى،مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكى،بۆرەك كېسەللىكى،نېرۋا ياللۇغى،جىنىسىي ئاجىزلىق،ئىچ ئۆتكۈ ۋە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.دىئاگنوز قويۇش: قەنت سىيىش كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇشتا،بۇ كېسەللىكنڭ يۇقىرىقىدەك‹‹ ئۈچ كۆپ،بىر ئاز››بولۇشتەك تىپىك ئالامىتى ۋە باشقا ئالامەتلىرىگە ئاساسلىنىپ دىئاگنوز قويۇش بىلەن بىرگە،بىمارنىڭ قان ۋە سۈيدۈكىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان لابوراتورىيىلىك تەكشۇرۇش نەتىجىىسىگە ئاساسلىنىپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئادەتتە ساغلام قېنى 4.4-6.6mmol/Lقەنتى بولىدۇ.سۈيدۈكى تەركىبىدە قەنىت بولمايدۇ ياكى 0.56-1.68mmol/Lسۈيدۇك قەنىتى بولىدۇ.قەنت سىيىش كىسەللىكىدە قان ۋە سۈيدۈك تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ئوخشاشلا يۇقىرىلايدۇ. يالغان قەنت سىيىش كېسەللىكىدە بولسا،سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارى يۇقىرلايدۇ.ئەمما قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولمايدۇ.قان ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت قانچە يۇقىرى چىقسا،بۇ قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.قەنت سىيىش كېسەللىكى داۋالاشنى نىسبەتەن ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.ئاقىۋېتمۇ ئانچە ئېغىر بولمايدۇ.يۇقىرقىلار قەنت سىيىش كېسەللىكى بىلەن يالغان قەنت سىيىش كېسەللىكىنى پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. داۋالاش:قەنت سىيىش كېسەللىكىنى داۋالاشتا،پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا،بىر قەدەر يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاشتا،بىمارنى روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇشقا،زىيادە غەزەپلىنىش،ھاياجانلىنىش،چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە،ئوزۇقلۇق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ،كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەك-ئىچمىكىنى تەرتىپكە سېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنى كۈندىلىك تامىقىغا تەركىبىدە قەنت ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى،قەنت تەركىبلىك تاتلىق-تۇرۇم،مېۋە-چېۋىلەرنى،ياغ ۋە ياغلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلىشتىن چەكلەپ،ۋىتامىن تەركىبى كۆپ بولغان يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى،بولۇپمۇ سەۋزە،غورا،كاۋا،پىياز،تەرخىمەك قاتارلىقلارنى، مېۋىلەردىن ئاچچىق ئانارنى،ئاشلىق تۈرىدىكىلەردىن دانلىق ئاشلىق،نۇقۇت،دۇفۇ، ماش قاتارلىقلارنى،مېغىزلاردىن بادام مېغىزى،قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلارنى ، گۆش ۋە باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەردىن بېلىق گۆشى،قۇشلارنىڭ گۆشى ،توخۇ گۆشى،تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا دەۋەت قىلىش لازىم. دورا ئارقىلىق داۋالاشتا،كېسەللىك قەنت سىيىش كېسەللىكى بولسا،بىمار بۆرىكىنىڭ سۈيدۈكتىكى قەنت ماددىسىنى سۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنزولىن ئاجىرتىپ چىقىش ئىقدىدارىنى كۈچەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش،بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ۋە بەدىنىدە باشقا قوشۇمچە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەردە دورا ئىشلىتىش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارغا ئاق تاباشىر،رۇببىسۇس،ھومماز ئۇرۇقى،يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى،گىلى ئەرمىنى،ئانار گۈلى،ئاق سەندەل،سۇمماق،ئەرەب يىلىمى،ئوسۇڭ ئۇرۇقى،سېمىز ئوت ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن،كافوردىن 0.2 گىرام ئېلىپ،سوقۇپ،تاسقاپ،تەييارلاپ ياكى سېمىز ئوت سۈيى بىلەن ھەر دانىسى ئالتە گىراملىقتىن ھەب تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرۇش؛ئاق تاباشىردىن 15گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن 10 گىرام،قىزىل گۈلدىن 20 گىرام،ئاق سەندەل، ئەرەب يىلىمى، بەدىيان،شاھى بەللۇت، رۇببىسۇس، ھومماز ئۇرۇقى، زىخ،ئانار گۈلى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەربىرىدىن سەككىز گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ تاسقاپ ، زىخ سۈيى بىلەن ھەر دانىسى ئىككى گىراملىقتىن ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ئىستېمال قىلدۇرۇش؛كاپۇردىن 0.4 گىرام،قىزىل گۈل، تەرخىمەك ئۇرۇقى،تاباشىر، رۇببىسۇس قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گىرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن 12 گىرامدىن،ئانار گۈلىدىن ئالتە گىرام ئېلىپ، سوقۇپ، تاسقاپ ،ئىسپىغول لۇئابى بىلەن ھەر دانىسى بىر گىراملىقتىن ھەب تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ئىستېمال قىلدۇرۇش،قاپاق ئۇرۇقىدىن 90 گىرام،ئوسۇڭ ئۇرۇقى،سېمىز ئوت ئۇرۇقى،كۆكنار پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30گىرامدىن،تەمرى ھىندىدىن 20گىرام ئېلىپ،چالا سوقۇپ،بىر لېتىر سۇدا سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ يېرىمى قالغىچەقاينىتىپ،مەتبۇخ تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا30 مىللىلېتىردىن 50 مىللىلېتىرغىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. ئەگەر كېسەللىك يالغان قەنت سىيىش كېسەللىكى بولسا،بۆرەكنىڭ سۈزۈش ۋە تۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش،بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن دورا ئىشلىتىش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارغا پىلپىل،قارامۇچ،زەنجىۋىل،گۈل دارچىن،خۇلىنجان قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن30 گىرامدىن،ئاق تۇدىرى،سېرىق تۇدىرى،بوزىدان،سۇمبۇل ھىندى،ئاق بەھمەن،قىزىل بەھمەن،لىسانۇل ئاساپىر،سەئدى كۇفى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 90 گىرامدىن ئېلىپ،سوقۇپ،تاسقاپ،قائىدە بويىچە،مەجۇن تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن 10 گىرامغىچە ئىستىمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە،مۇرەككەپ دورىلاردىن جاۋارىش زەرئۇنى،لوبۇبى كەبىر، لوبۇبى سەغىر، ھەببى ئىمساك، مەجۇنى سۆئلەپ،سىغۇپى شاقاقۇل ، سىفۇپى مەۋسەل سەغىر، مەجۇنى سالاجىت، جاۋارىش كۇندۇر ، قۇرسى تاباشىر، ماددەتۇل ھايات قاتارلىق دورىلارنى قائىدە بويىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقى ئۈچۈن نۇقۇتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدەشاقاقۇل ،سۆئلەپ ، سەۋزە ئۇرۇقى،ئاق سەندەل،قىزىل گۈل قاتارلىق دورىلارنى دەملەپ ئىچكۈزۈش لازىم.قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ مەيلى قايسى خىلى بولسۇن،ئۇنى يۇقۇرقى ئۇسۇللار بويىچە داۋالاش بىلەن بىرگە،بۇ كېسەللىككە قوشۇلۇپ كەلگەن باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولسا،ئۇنىڭغىمۇ جىددي پوزىتسىيە تۇتۇپ ۋاقتىدا داۋالاپ،بىمار سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كىلىشىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن يۇقۇرقى كۆرسىتىلگەن پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاش قائىدىسىگە يەنە بىر مەزگىل رىئايە قىلىش،قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا پات-پات قان ۋە سۈيدۈكتىكى قەنىت ماددىسىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇش،بۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.شىنجاڭ ئۇيغۇرتىبابەت ئالى تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى1999-يىلى 4-ساندا ئېلان قىلىنغانئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى