بىزنىڭ مەقسىتىمىز:

  • نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تېبابەت مىراسىنى زامانىۋى ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇش
  • ئىشەنچلىك ۋە سۈپەتلىك تەبىئىي داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق باھادا تەمىنلەش
  • ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش
  • سىناقتىن ئۆتكەن ئەنئەنىۋى رېتسىپلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش

نىشانىمىز:

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتلىرىنى تۈركىيە ۋە خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشەنچلىك سودا سۇپىسى. بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ سۈپەتلىك تەبىئىي داۋالاش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي نىشان قىلىمىز.

ئۇيغۇر تېبابەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :

ئۇيغۇر تېبابىتى - نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ داۋالاش مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق مىراسىدۇر. بۇ تېبابەتچىلىك تۈزۈمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەجرىبىلىرى، ھىندى تېبابىتى، پارس تېبابىتى، ۋە گرېك تېبابىتىنىڭ بىرىكمىسى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن. ھازىرغا قەدەر ئۆز ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى :

  • كېسەللىكنى داۋالاشتا تەن-روھ باغلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش
  • تەبىئىي دورا-دەرمانلارنى ئاساس قىلىش
  • ئىنساننىڭ تۆت خىلت (قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا) تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش
  • كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

  1. دورا-دەرمان بىلەن داۋالاش
  2. پەرھىز ئارقىلىق داۋالاش
  3. قان ئېلىش، كۈشەندە قويۇش
  4. ماسساج ۋە تەنتەربىيە
  5. مەنىۋى داۋالاش

ئۇيغۇر تېبابىتى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، زامانىۋى تېببىي ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىچە تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويماقتا.

ئەسكەرتىش:

ھەرقانداق داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، چوقۇم مۇتەخەسسىس تېۋىپلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.