مامكاپ

تەبىيتى ؛ ھۆل سوغۇق
خۇسۇسىيتى ؛ ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، زەھەر قايتۇرۇش ، ئىششىق ياندۇرۇش.
مامكاپ ( كاككۇك گۈلى ) نىڭ يۇپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق چاناپ تەييارلىۋىلىپ كۆكسى كىسەللىكلىرىگە تېڭىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلدۇ .
مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بادامسىمان بەز ياللۇغى ( ئانگېنا ) غا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
بۇرۇن ياللۇغىغا قارىتا بۇرۇن ئىچى ۋە ئەتراپىغا سۈيىنى چىقىرىپ سۈرۈپ بەرسە ئۆنۈمى ياخشى بولىدۇ .
مامكاپنىڭ يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۇقىرى قان بېسىم ۋە جىگەردىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دىئابىت ، ھەر خىل ياخشى ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ، راك كىسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىپلا قالماستىن ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ جىنىسي يول كىسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .
مامكاپنى قايناقسۇغا بېسىپ سۇزىۋېلىپ ئازراق لازا-ئاچچىقسۇ بىلەن تەڭشەپ سوغۇق سەي تەييارلاپ يىگەندە جىگەرنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كىتىش ، يۈرەك رىتىمسزلىق ، بەل پۇت ئششىۋېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
@uyghur_tibabet
#ئۇيغۇرتىبابىتى
#مامكاپ