ئائىلىدىكى رېتسېپلار, خام دورىلا

خورما

ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
خورما يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنىمۇ داۋالايدۇ. ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەھەرنى تازىلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
خورمىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق بولۇپ، خورمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، ئۇ يەنە ئاشقازان، ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئىسسىقلىقنى كۆپلەپ خورىتىدۇ.

خورمىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى بار بۇلۇپ، خورمىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى جىگەردىكى زەھەر ۋە ئېغىر مېتاللارنى تازىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خورما سۈيى ئىچسىمۇ زۇكام، قىزىشنى داۋالايدۇ.
خورمىدىكى قەنت تەركىبى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ ۋە ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. خورما بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلسا بالىلاردىكى تولغاقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. مىجەزنى تەڭشەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش، بەلغەمنى بوشىتىپ، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش رولى بار تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە سەزگۈر ئەمەس، ئاشقازان يارىسىنى داۋالايدۇ.
@uyghur_tibabet
#ئۇيغۇرتىبابىتى
#خورما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ