ئائىلىدىكى رېتسېپلار, خام دورىلا

ئالقات

ئالقات
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
ئالقاتنىڭ بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئۆپكىنى ياخشىلاش، يۆتەل توختىتىش رولى بار . ئالقات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن، ۋىتامىن، ئاقسىل، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار يۇقىرى بولۇپ، ئالقات تەركىبىدىكى ۋىتامىن C شاپتۇلنىڭكىدىن ئالتە ھەسسە، نەشپۈتنىڭكىدىن 28 ھەسسە، ئالمىنىڭكىدىن40 نەچچە ھەسسە، ھەتتا ۋىتامىن C ئەڭ يۇقىرى بولغان شوخلىدىنمۇ ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى. شۇڭا ئالقاتنى دائىم نورمال مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، پۈتۈن ئورگانىزمغا ۋىتامىن C تولۇقلىنىپ، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان بېسىمنى نورماللاشتۇرۇپ، ياشانغان ۋە ئاغرىقتىن ئەمدىلا ساقايغان تېنى ئاجىز كىشلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سالامەتلىكىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، قىرىشنى كېچىكتۈرىدۇ،،،،،،،،،،،،،،،
بىز ئادەتتە كۆرگەن ۋە ئىستىمال قىلىپ كىلىۋاتقان ئالقاتلار ھەممىسى قۇرۇتۇلغان ئالقات مىۋىسى.2

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ