كولانى كۆپ ئىچكۈچىلەردە قاندىكى كالىي كۆپ مىقداردا خورايدۇ.

ەتقىقاتچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، كۈندە كۆپ مىقداردا كولا ئىچىدىغانلاردا مۇسكۇل كېسەللىگى، يۈرەك سوقۇش نورمالسىزلىشىش، ھەتتا پالەچ بوپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى كولانى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى كالىي كۆپ مىقداردا خوراپ كىتىدىكەن.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە 2 لىتىردىن 10 لىتىرغىچە كولا ئىچكۈچىلەردە قاندا كالي كەم بولۇش ئۈنۋىرسال كېسەللىگى پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كولا قاتارلىق ئىسپىرىتسىز گازلىق ئىچملىكلەر نۆۋەتتە كوپ كۆرۈلىدىغان چىش كېسەللىكلىرى، سۆڭەك يۇمشاش، مىتابولىزم ئۈنۋېرسال كېسەللىكى ۋە دىيابىت قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى ھىساپلىنىدىكەن.